4-ئاينىڭ 21- كۈنى، ئافغانىستان مازارىشايرىفتا، شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر ئاممىۋى كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بالج ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى مازارىشايرىف شەھىرىدە ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىپ قۇرغان ئىككى ئاممىۋى كۇتۇپخانا بار. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئىككى كۇتۇپخانىغا قويۇلغان كىتابلارنىڭ سانى ئاران 30 مىڭ 800غا يېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ كىتابلارنىڭ كۆپ قىسىمى يېقىنقى ئون يىلدا نەشر قىلىنغان كىتابلار بولۇپ، كىتابلارنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر ئاز، ساراي ئىچىدە ئالاقە تورى ئەسلىھەلىرىمۇ يوق ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى