باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك

2018.04.25 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ھەم ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى توغرىسىدا 5-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزم ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى. بىزنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى ئەسلىشىمىز ماركسىزملىق ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلىشىنىڭ نەزەرىيە مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تەتبىقلاپ، ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دىكى ئىلمىي قائىدە ۋە ئىلمىي روھنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ تەتبىقلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئۈچۈندۈر.

  مەركىزىي تەھرىر-تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش ۋاڭ شۆدۇڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىش. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزم قائىدىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي بايان قىلغان ئۇلۇغ ئەسەر. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دە ماركسىزمنىڭ ئىلمىي دۇنيا قاراش، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغار خىسلىتى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ يۈكسەك غايىسى، ماركسىزمنىڭ ئىنقىلابىي پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىنتېرناتسىيونالىزم روھى چوڭقۇر شەرھلەنگەن. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي كۆزەتكەن، كۈرەش روھى، تەنقىدىي روھ، ئىنقىلابىي روھقا تولغان كىلاسسىك ئەسەر، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرغان، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلىگەن كىلاسسىك ئەسەر. ماركسىزملىق نەزەرىيەنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىنقىلابىيلىقى دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم بىلەن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى مەنبە قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى، دۇنيا سوتسىيالىزمىغا توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» مەزمۇنى مول نەزەرىيە خەزىنىسى بولۇپ، ئۇ قايتا – قايتا ئۆگىنىشىمىزگە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا، ئۈزلۈكسىز ئىدىيەۋى ئوزۇق ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر