باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى دوكلات بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلىدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ئىنكاس بىلدۈردى

2018.04.24 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يېقىندا «2017- يىللىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگوغا ئالاقىدار قىسمىدا جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى، بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 23-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش بۇرۇن بىھۇدە ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ ھەر يىلى بۇنداق دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە بۇيرۇقۋازلىق قىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى ئەزەلدىن بۇنىڭدىن بەك بىزار. بۇ يىل دوكلاتنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار قىسمى پاكىتلارنى داۋاملىق بۇرمىلاپ، بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان. «بىز ئامېرىكىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپكە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئىلگىرى بىھۇدە بولغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئېيتتۇق».

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، بۇنىڭدا جۇڭگو خەلقى پىكىر بايان قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق.

  لۇ كاڭ: «بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىپ، ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش مەقسىتىگە يېتىشىنى قۇۋۋەتلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر