باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2018.04.25 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-ئاپرىل بېيجىڭ شەھىرىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭەش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى يېڭى ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە ئالتە تۈرلۈك تەكلىپ بەردى.

  1. «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، راھەت-پاراغەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىللە بولىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  2. بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈچلەرگە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ زەربە بېرىپ تۈزەپ، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىشەنچلىك كاپالەت بولۇشى لازىم.

  3. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسى بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم سۇپىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  4. يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەر كەسپىنى ماسلاشتۇرۇش، بازارنى باغلاش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاپ، ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  5. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە دوستلۇق جەھەتتىكى ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

  6. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا تەسىرىنى كېڭەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورتاق قۇرۇش لازىم.

  يىغىنغا قاتناشقان باشقا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۈكسەك باھا بەردى ۋە جۇڭگو بىلەن ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر