باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2018.04.25 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 24-ئاپرىل بېيجىڭدا تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىروف، ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى كامىلوف، قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇراخمانوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئاسىروف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى چىڭىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ يىل، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە زۇڭلى يىغىنىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا قوللاپ ۋە ماسلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئاسىروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى چوڭقۇر ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كامىلوف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۆزبىكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستىراتېگىيەلىك ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يەرلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يېڭى يارقىن نۇقتىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى خالايدۇ.

  كامىلوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزبىكىستان جۇڭگو بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئابدۇراخمانوف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد-سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئابدۇراخمانوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر