باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2018-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.04.25 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2018-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنىڭ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «مۇھىم نۇقتا»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2018-يىللىق مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىر، ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، نەتىجىنى ئاشكارىلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «مۇھىم نۇقتا»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاشكارا چۈشەندۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ئاشكارا، ئېنىق بولۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى قىلىپ، ھۆكۈمەت ئومۇمىي يىغىنى ۋە دائىمىي يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىنغان ئىشلار، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇلىدىغاندىن باشقىلىرىنى سىرتقا ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك. ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى تەڭشەش ۋە ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مالىيە خام چوتى، نەق چوتى، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋە يولغا قويۇش، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما ۋە زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىر، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. مەمۇرىيەت جامائەت پىكرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك.

  مەمۇرىيەت مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. «كۆرۈشمەي تەستىقلاش» قاتارلىق تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بازار سۇبيېكتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇش، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىش كېرەك. «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»گە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە باسقۇچلۇق نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك. ئەمەلىي گەۋدە مەمۇرىيەت زالى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توردا ۋە ئەمەلىيەتتە بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامما ۋە كارخانىلار چوقۇم نەق مەيدانغا بېرىپ بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردا ئىمكانقەدەر «پەقەت بىر جايدىلا بېجىرىش»، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتىراش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتىنى تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ يەنە يېرىمىنى قىسقارتىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ئىسلاھات ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر