- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرايلى
−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)
2018.04.25 16:38 مەنبە: خەلق تورى
يادرولۇق تېخنىكا دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، شۇنداقلا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.
مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، ئۇچۇر ساھەسىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئۇچۇر ساھەسىنىڭ بەزى جەھەتلىرىدە «ئايلىنىپ يانداپ ئۆتۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىشىمىزنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئىلگىرىلىمىگەنلەر، ئىلگىرىلىشى ئاستا بولغانلار چېكىنىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار مۇھىم قارار، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تور ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇردى. لېكىن يەنە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، يادرولۇق تېخنىكىمىزدا تۈپتىن بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشقا كۈچىگەندىلا، ئاندىن ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا رىقابەتتىكى يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى يارىتالايمىز.
يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم: يادرولۇق تېخنىكا بىزنىڭ ئەڭ زور «ھاياتلىق ئاچقۇچ» ىمىز، يادرولۇق تېخنىكىنىڭ ئادەمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى بىزدىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ، دەپ تەكىتلىگەن. يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىمىسەك، بوغۇلۇپ، باشقىلارغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالىمىز. ھەقىقىي يادرولۇق تېخنىكىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى، بازاردا تېگىشكىلى بولمايدۇ. بىز چوقۇم غەيرەت بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، كۈچەش مەركىزىنى توغرا تېپىپ، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى تۇتۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، ئىشىكنى ئېتىپ قويۇپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ھەممىنى باشتىن باشلاش بولماستىن، بەلكى قايسى تېخنىكىدا كىرگۈزۈش، ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش، قايتا يېڭىلىق يارىتىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، قايسىلىرىدا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشقا تايىنىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخنىكا تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىسەكلا، جەزمەن قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتەلەيمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر