باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2014.10.31 08:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىستېمالنى كېڭەيتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدىبانكا كارتىسى راسچوت بازىرىنى تېخىمۇ ئېچىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ،پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ،خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ غەمغورلۇق كۈچلىرىنى توپلاش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بىيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىستىمالنى كېڭەيتىش ۋە دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاش قىلدى؛ بانكا كارتىسى راسچوت بازىرىنى تېخىمۇ ئېچىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى؛ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان غەمغورلۇق كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۆپ توپلاش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، بىرىنچىدىن، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىستېمال «قىلالايدىغان» قىلىش. كىرىم تەقسىملەش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تەدبىرى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلىي پرىنسىپىنى تۈركۈملەپ مەيدانغا چىقىرىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئىستېمال قىلىشقا «پېتىنالايدىغان» قىلىش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ كېسەللەر سوغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش كېرەك. جەمئىيەت قۇتقۇزۇش سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىنى ئىستېمال قىلىشنى «خالايدىغان» قىلىش. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروتى قاتارلىق غوللۇق تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قارا نىيەتلەر»نىڭ يېمەكلىك، ساياھەت جەھەتتە «خېرىدارلارنى باپلاش» قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر