- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىل 200 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىدىن ياساش قۇرۇلۇشى پۈتتۈرۈلەمدۇ؟
2014.11.03 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچتە قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى بۇ يىل 200 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىدىن ياساش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرىدۇ. ھازىر %71.5 ئورۇنلىنىپ بولدى. يىل ئاخىرىدا ۋەزىپە قەرەلىدە تاماملىنامدۇ؟
31-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەن قايتا ئەھۋال ئۇقۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىغا بېرىپ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى تەكشۈرۈشتە بايقالغان سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى تەرتىپكە سېلىش ئەھۋالىنى قايتىدىن تەكشۈردى.
9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى مۇساپىسى 143 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، پۈتۈن بىر يىللىق نىشاننىڭ %71.5 تى ئورۇندىلىپ بولغان. مۇئاۋىن قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرى ۋېڭ مىڭيوڭ مۇنداق دېدى: تاشيول قۇرۇلۇشى ھاۋا رايى،مەبلەغ سېلىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.پۈتۈن بىر يىللىق ۋەزىپىنىڭ%10 تى ئادەتتە 1-پەسىلدە ،%20 تى 2-پەسىلدە ،%30 تى 3-پەسىلدە ،%40 تى 4-پەسىلدە ئورۇندىلىدۇ. بۇ قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا يىل ئاخىرىدا يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان يېزا تاشيول مۇساپىسىنى 200 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش ۋەزىپە نىشانىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر