باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس شۋىتسىيەنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ماختىدى

2014.10.31 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 30-ئۆكتەبىر شۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىنى ماختىدى، ھەمدە بۇ بىر تۈرلۈك باتۇرلۇق ۋە تارىخى خاراكتېرلىك قارار دېدى. ئابباس شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەر شۋىتسىيەگە ئوخشاش ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. پەلەستىن زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: شۋىتسىيەنىڭ پەلەستىن دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشى شەرقىي ئېرۇسالىمدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي ئىرۇسالىمدىكى ئۇسۇلىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر