باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2014.11.03 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن ماقۇللانغان مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىر مەمۇرىي دەۋانىڭ ئەدلىيە جەھەتتىكى باشقۇرۇش تۈزۈمى مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ بىشىن ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار ھۆججەتتىكى تەلەپلەر ۋە قانۇن، بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر تەرەپتىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سەييارە سوت تەسىس قىلىپ، رايون ھالقىغان مەمۇرىي دېلولار ياكى باشقا دېلولارنى قاراپ چىقسا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي رايون ھالقىپ، مەمۇرىي دېلولار ياكى باشقا دېلولارنى قاراپ چىقىشىنى بېكىتسە بولىدۇ. بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىرىلىشى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سوتلاش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىن چۈنيىڭ يېڭىدىن ماقۇللانغان مەمۇرىي دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىغا ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 24 يىل بولدى، بۇ-تۇنجى قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلىرى بار بولۇپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. شىن چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنى يولغا قويۇش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىشى ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئەرزگە بەرداشلىق بېرىش، ئەرزگە ماسلىشىش ۋە ئەرزلەرنى ئازايتىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە دەۋاگەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، پۇقرالار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ھەقىقىي قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر