باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، 27 نەپەر ۋەكىل 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلدى

2014.11.02 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بېيجىڭ گېزىتى خەۋىرى: تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ، يەن فۇلۇڭ، جاڭ زېباۋ، دېڭ چۈەنجۇڭ، يۈەن يۈجۇ، ليۇ جيەنجۇڭ، پەن يىياڭ، دەڭ زېڭچىڭ، سۇ رۇڭ، بەي ئېن قاتارلىق 9 كىشىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  18-قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى. يېڭى بېيجىڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈنگە قەدەر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 27 نەپىرى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن، 18 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەن ياكى ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە، جى جيەنيې، چېن ئەنجۇڭ، جىن داۋمىڭ قاتارلىق ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلارمۇ موللاق ئاتقان.

  بۇ قېتىم ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغان سۇ رۇڭ مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، بۇ 27 كىشى ئىچىدە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر