باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>مۇھىم سۆز

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ھارپىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليۇرۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەلئارا ئالماشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتا ئۆزئارا ئەينەك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.10.31 08:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ يۈنشەن خاتىرىلەش يىغىنى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئېكىسكۇرسىيەگە قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 29-چېسلا جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليۇرۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، چەت ئەللەرگە بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيا ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم تۆھپە قوشتى. تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئەلئارا ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ ئىلغار، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەرخىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش- ئۇچرىشىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش-ئەينەك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. پېڭ بو خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر