بۇ شى جىنپىڭ 31-ئۆكتەبىر ئېكسكۇرسىيە قىلغان گۇتيەن يىغىن ئورنى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
● ھەربىي قىسىم سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسى ـــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى يېقىندىن چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك ●يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقىنى 4 تۈپ نەرسىنى تىكلەش: غايە ۋە ئېتىقادنى پۈتۈن ئارمىيەدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپنى پۈتۈن ئارمىيەدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، كۈرەش كۈچى ئۆلچىمىنى پۈتۈن ئارمىيەدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، سىياسىي خىزمەت ئابرويىنى پۈتۈن ئارمىيەدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك
●يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، نۆۋەتتە تۆۋەندىكى 5 تەرەپنى نۇقتىلىق تۇتۇش كېرەك: ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەم تاۋلاپ چىقىش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، سىياسىي خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلىشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش كېرەك
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنى 30-ئۆكتەبىر فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭخاڭ ناھىيەسى گۇتيەن بازىرىدا ئېچىلدى. 31-چېسلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ھەربىي قىسىم سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسى ـــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى يېقىندىن چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش. پۈتۈن ئارمىيە ماركىسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيەنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئارمىيە فاڭجېنىدا قاتتىق بولۇپ، ئارمىيەمىز سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى يېقىندىن چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي خىزمەتنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ھاياتلىق مەنبەسى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ساۋ جى، لى شۈەنلياڭ خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى