باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى

2015.01.12 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 10-يانۋار مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى:بۇنىڭدىن بەش ئاي ئىلگىرى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسى ئىلمىي ژۇرنىلىدا پاش قىلىنغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى يۈ يەنرۇ ئېلان قىلغان ماقالە چەتئەلدىكى بىر ئەسەردىن كۆچۈرۈلگەنلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋالنىڭ راست ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. مەكتەپ يۈ يەنرۇنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى. مەكتەپنىڭ بۇ قارارى جەمئىيەتنىڭ قىزغىن دىققىتىنى تارتتى.

  ئىلمىي ماقالىنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى پاش قىلغان خەلقئارا ئاخبارات ساھەسى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى چېن لىدەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ئالدىراقسانلىق بىلەن قىلىنغان ئىش بولۇپتۇ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىسا سەۋەب يېتەرلىك بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر خىل ئىلىملەردە كۆچۈرمىچىلىك ئارقا ئارقىدىن پاش قىلىندى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلارغا چېتىلىپ قالماستىن يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق پروفېسسورلىرىغا چېتىلىدۇ. ھەتتا ئاكادېمىكلارمۇ بار. چېن لىدەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىلىمدىكى ناتوغرا ھەرىكەتلەرنى بىرلىكتە توسۇپ، ئىلىم ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر