باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن

2014.12.12 20:54   مەنبە: خەلق تورى

مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) شىنجاڭ «ئۆزتۈرك» خەلقئارا سودا چەكلىك شېركىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئاياللار – بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى قوللىغان 3 – نۆۋەتلىك «ئاسپىرانت قىزلار ئۆزتۈرك مۇكاپاتى» 12 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە تارقىتىلدى. مۇراسىمدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاينۇر مۇھەممەد، خەن جىنيەن (رۇقىيە)، ئېلىس ئاندېرسون (نازاكەت) قاتارلىق ھەرمىللەتتىن بولغان14 نەپەر جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ماگىستر، دوكتۇر ئاسپىرانت قىزلارنىڭ ھەربىرى 7 مىڭ يۈەندىن مۇكاپاتلاندى.

  «ئۆزتۈرك» شېركىتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى، «ئاسپىرانت قىزلار ئۆزتۈرك مۇكاپاتى» نى پىلانلىغۇچى تاھىر ئىمىندىن ئىگىلىشىمچە، 2012 – يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس ئاسپىرانت قىزلارنىڭ مائارىپ روھىغا ئىلھام بېرىشنى ئاساسىي مەقسەد قىلىپ تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇكاپات بۇ يىل 3 – يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ قېتىم 100 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە 20 مىڭ يۈەن ماددىي بۇيۇم سوۋغا قىلىنغان، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تارقىتىلغان مۇكاپات سوممىسى 415 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ نۆۋەت 53 ئاسپىرانت قىزلار مۇكاپات ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق تاللاش نەتىجىسىدە ئاخىرى 14 نەپەر قىز ئاسپىرانت مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولغان. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمائىل تارىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاسپىرانت قىز دىلئارام ۋەلىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەرمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ
      ·ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ
      ·جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلد…
      ·2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ