باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى>>يېڭى سىياسەت

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ

«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»

2014.12.22 00:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىدا ئون نەچچە پەندىن ئىمتىھان ئېلىنسا ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىر كېلىپ كېتەمدۇ قانداق؟ تولۇق 3-يىللىقتا دىققىتىنى پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىگىلا قارىتىش كېرەكمۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئومۇمىي نەتىجىسىنىڭ ئۈچ پەندىكى نەتىجىسىنى قانداق ۋاقىتتا بېكىتسە ئەڭ مۇۋاپىق؟ مالىيە مىنىستىرلىقى ئاساسىي 2-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جېن فۇجى، مۇئاۋىن باشلىقى شېن جىلياڭ 18-دېكابىر چۈشتىن كېيىن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى ھۆكۈمەت بىلوگى ئارقىلىق يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش پىكرى» ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

  تولۇق 3-يىللىققا چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ ھەممە پەنلىرىدىن ئىمتىھان بېرىپ بولسا، تولۇق 3-يىللىقتا دىققىتىنى پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىگىلا قاراتسا بولامدۇ؟ شېن جىلياڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي نەتىجىسىگە ھېسابلىنىدىغان ئۈچ پەندىن چوقۇم ئۆگىنىدىغان ۋە تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، باشقا پەنلەردىن چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرسنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىمتىھان ئالسا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ دەرس لايىھەسى تەلىپىگە ئاساسەن، تەنتەربىيە، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي پائالىيەت دەرسى قاتارلىقلارنى تولۇق 3-يىللىقتا داۋاملىق ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئوقۇش نومۇرىنى تاماملىيالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر