- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
2014.12.16 09:13 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت چەت ئەلدە ئوقۇش فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ جىڭخۇي 12-دېكابىردىن 13-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك چەت ئەلدە ئوقۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇش ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش خىزمىتى مول نەتىجىگە ئېرىشتى. 2014-يىلى چەت ئەلدە ئوقۇشقا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 23 مىڭ كىشى 1996-يىلىنىڭ 12 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلغان 14 مىڭ كىشى 1996-يىلدىكىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا 1996-يىلدىن بۇيان 163 مىڭ كىشىنى تاللاپ 108 دۆلەتكە ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 184 دۆلەتتىن 86 مىڭ كىشى جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر