باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پۇقرالارنىڭ بالا بېقىۋېلىش نىزامى تەييارلىماقتا

2014.11.03 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بالا بېقىۋېلىشىنى تىزىملاش نىزامىنى تەييارلىماقتىكەن. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرىدىغان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  دوكلاتقا ئاساسەن، چىن شىيەن قاتارلىق 32 ۋەكىل بالا بېقىۋېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. تەكلىپتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېلىمىزدە نۇرغۇن يېتىم بالا بار، جەمئىيەتنىڭ بېقىۋېلىش ئېھتىياجىمۇ چوڭ، لېكىن ھازىرقى بېقىۋېلىش قانۇنىدىكى بىر قىسىم بەلگىلىمىلەر كەينىدە قالغان، بېقىۋېلىش شەرتى بەك يۇقىرى، بېقىۋېلىش تەرتىپى مۇكەممەل ئەمەس، قانۇنسىز بېقىۋېلىشنى نازارەت قىلىش كۈچى يېتەرسىز، زەربە بېرىش كۈچلۈك ئەمەس، بۇ-ئۆز مەيلىچە بېقىۋېلىش، بالىلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر