باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2014.10.28 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 27-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدىكى بىر ئايدەك ۋاقىتتا، جۇڭگو ¬ـ تاجىكىستان بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان قوماندانلىق بۆلۈمى قۇرۇپ، ھاۋا يولى ۋە قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىدۇ.

  بۇ قېتىملىق ھەرىكەت جۇڭگو دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە تاجىكىستان زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى بىرلىكتە كېلىشىپ قانات يايدۇرغان ھەرىكەت بولۇپ، 27-ئۆكتەبىردىن 21-نويابىرغىچە جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەتتە ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە قوماندانلىق بۆلۈمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىدە تەسس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى زەھەر چەكلەش، چېگرا مۇداپىئەسى، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر