باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەرب ئەللىرىدىكى ياشلار نېمە ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتىنىڭ غازىتىغا كەتمەن چاپىدۇ؟(1)

2014.10.29 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بازىسى تېزدىن كېڭەيدى، يېڭى قان بولۇپ قوشۇلغان ياشلار ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتى، ئۇلار ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئامېرىكىدا دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى تەشكىللىنىۋاتقان چاغدا، غەربلىك ياشلار نېمىشقا ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەي، ئەكسىچە دۆلىتىنىڭ رەقىبىگە مەدەت بېرىدۇ؟

  سەئۇدى ئەرەبىستانى «ئوتتۇرا شەرق گېزىتى»نىڭ 24-يانۋاردىكى ماقالىسىدا، سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتقا قاتناشقان غەرب مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى ئىككى مىڭغا يېقىنلاشتى، ئەمما بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، بۇ سان تېزدىن كۆپەيدى، گەرچە ئېنىق سانىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزىلەر بۇ سان تېزدىن كۆپىيىپ ئۈچ مىڭدىن ئاشتى دەپ پەرەز قىلدى دېيىلدى.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون ساقچىلىرى نۆۋەتتە، ھەپتىسىگە ئوتتۇرىچە بەش ئادەم ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتنىشىۋاتىدۇ دېگەن، بۇ سان قارىماققا كۆپتەك بىلىنمىسىمۇ، لېكىن سىز بىر يىلدا 50 نەچچە ھەپتە بارلىقىنى ئويلىغاندىن كېيىن، ھەرگىز ئاز ئىكەن دەپ قارىمايسىز. يەرلىك ساقچىلار تەمىنلىگەن سانغا قارىغاندا، 500 نەچچە ئەنگلىيەلىك سۇرىيە ۋە ئىراققا بېرىپ ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشقان.

  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 6-ئۆكتەبىر قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى يېقىندا چىكاگو ئوخارى ئايرودۇرۇمىدا بىر ئەر پۇقرانى قولغا ئېلىپ، ئۇنى ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىدى دېدى.

  ياپونىيە توكيو ساقچى نازارىتىمۇ شۇ كۈنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشماقچى بولغان بىر نەچچە ياپونىيەلىك ياشنى قولغا ئالدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى تېخى دۆلەتلىك خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشتىن توختىغان 26 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.

  ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئاببوت 15-سېنتەبىر تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشماسلىققا چاقىردى ھەم 60 پۇقرانىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  لوندون پادىشاھ ئىنستىتۇتى ئەسەبىيلىك خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ھەم باشقا ئەسەبىي تەشكىلاتلار ئىچىدە، غەرب ئەللىرىدىن بولغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئىكەن، فىرانسىيەدىن كەلگەن غازاتچى 700 دىن ئاشقان، ئەنگلىيەدىن كەلگەن غازاتچى 500 گە يېقىنلاشقان. بۇندىن باشقا، گېرمانىيەدىن 320 ئادەم، بېلگىيەدىن 250 ئادەم، ئاۋسترالىيەدىن 150 ئادەم، گوللاندىيەدىن 120 ئادەم، ئامېرىكىدىن يۈز نەچچە ئادەم، دانىيەدىن يۈز نەچچە ئادەم، ئىسپانىيەدىن 51 ئادەم سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشقان.

  بەزى ئالىملار ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئاساسلىقى ئىراقلىقلار شۇنداقلا سۇرىيە ۋە پارس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر، ئەمما غەربلىكلەر بولسا ئوققا يەم بولىدۇ دېدى. ئۇنداقتا ئوققا يەم بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن بەزى غەربلىكلەر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا رازى بولىدۇ؟

  بۈگۈنكى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى تيەن ۋېنلىن تەھلىل قىلىپ، بۇ پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدىكى باي-كەمبەغەللىككە ئايرىلىشنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «21-ئەسىردىكى كاپىتال ھەققىدە» دېگەن ئەسەردە مۇنداق بىر يۈزلىنىش تەسۋىرلەنگەن: پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەن شارائىتتا، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە كۈنسايىن تارىيىپ كېتىدۇ، ئەسلىدىنلا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ياشىيالايدىغان بەزى كىشىلەر چەتكە قېقىلىدۇ، مانا شۇنداق چاغدا كىشىلەر ئاسانلا ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دېدى. بۇ ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس شارائىتىدا، گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ فاشىزم يولىنى تاللىغانلىقى، رۇسىيە مىللەتچىلىرىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش يولىغا ماڭغانلىقىغا ئوخشايدۇ.

  ئامېرىكىلىق مۇخبىر جامېس فۇللىرنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىنغان كۆرۈنۈش ئادەمنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىدۇ، لېكىن قاتىلنىڭ قويۇق لوندون تەلەپپۇزى غەربلىكلەرنى تېخىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى. غەربلىكلەر ئۆز يېنىدىكى ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن قانخور جاللاتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇقالماي قالدى.

  تيەن ۋېنلىن ئىزاھات بېرىپ، بۇ غەربلىك ياشلارنىڭ نۇرغۇنى مۇسۇلمان، ئۇلار گەرچە غەربكە بارغان بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت جەھەتتە غەربلىكلەرگە سىڭىشىپ بولالمىغان، بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇلار ئاساسىي ئېقىم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى ياكى دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارالدى، گەرچە ئاغزىدا كۈلۈپ تۇرىدىغان ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق زور بولدى دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر