- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ
2014.10.30 14:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2014-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش پرىنسىپى»غا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى 30-ئۆكتەبىر سائەت 12:00دە ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)دىن نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا 6200 دىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، 130 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشقان. 10-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە يېزىقچە ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈلىدىكەن، يۈز تۇرانە ئىمتىھان 17-نويابىردىن 21-نويابىرغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر