خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئوربېتا پەن-تېخنىكا شىركىتى 28-ئۆكتەبىر خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا «ئاققۇ» ناملىق ئۇچار كېمىنى قويۇپ بەرگەن. بىراق راكېتا ئوت ئالدۇرۇلۇپ ئۇچۇش جەريانىدا پارتلاپ كەتتى.
بۇ ئامېرىكا ئوربېتا پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ 3-قېتىم خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا يېمەكلىك ۋە تەجرىبە ئەسلىھەلىرىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى بولۇپ، «ئاققۇ» ناملىق ئۇچار كېمىگە 2.3 توننا لازىمەتلىك قاچىلانغان، بىراق ئادەملىك ئەمەس ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى