خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا APEC يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، «ئىناق، تەڭ مەنپەئەتلىنىش» باش تېمىسىدىكى گۈللۈك بېيجىڭ دوڭدەن يولى ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمال بۈرجىكىدە جۇلالاندى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تىنچ تەرەققىيات» باش تېمىسىدىكى يەنە بىر گۈللۈك شىدەن يول ئېغىزىنىڭ شەرقىي شىمال بۈرجىكىدە قەد كۆتۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى يەردىكى APEC باش تېمىلىق گۈللۈكى سوغۇققا چىداملىق گۈللەرنى تىزىپ ياسالغان بولۇپ، يىغىن ئاخىرلاشقىچە تۇرىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى