باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى بىر ئەينەك

2014.10.29 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمى 26-ئۆكتەبىر ئافغانسىتان ئارمىيەسىگە ئاخىرقى ھەربى بازىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا 13 يىل داۋاملاشقان ھەربى ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، بۇ چېكىنىش بىر ئەينەككە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى كۆرسىتپ بېرەلەيدۇ.

  ئەنگىلىيە 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئافغانىستانغا قوشۇن ئەۋەتتى، شۇنداقلا 2006-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرگە ھىلماند ئۆلكىسى قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتى ئەدىگەن رايونلارغا تۇرغۇزدى، قوشۇن تۇرغۇزۇش بىلەن قازا قىلغانلار سانى جەھەتتە ئەنگىلىيە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە يەنە ئافغانىستاننى تۈرلۈك ھەربى، تېخنىكا ۋە مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىن ئەتتى.

  ئافغانىستان ئىشلىرىدا ئەنگىلىيە ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەسىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەنگىليەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشى بىر جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتانغا قاراتقان ئىستراتېگيەلىك تەڭشىشىگە ماسلىشىش، يەنە بىر جەھەتتىن بۇنى ئاېمرىكا ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئافغانسىتاننىڭ تەقدىرىدىكى بىشارەت دېيىشىكە بولىدۇ.

  ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايون باش ئشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلدارى تامسون مۇنداق دېدى: ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمى مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تولۇق تەييارلىق قىلدى، ئەنگىلىيە بىلەن ئامرىكىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى مەسئۇلىيەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

  ئەمما بۇنىڭغا ئاۋامنىڭ ئىشىنىشى قىيىن، بۇ قېتىمقى ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش بازىسى ھېلماند ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا تىپىك ئەكس مىسال، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ ئۆلكىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلاشتى، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى پارتىلتىۋېتىپلا كېتىدىغان ھۇجۇم تاكتىكىسىنى قوللانماي بەلكى يۈز تۇرانە تۇتۇشۇش ۋە نۇقتىلارنى ئىگەللەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئافغانىستان ھەربى ساقچىلىرى بىلەن يۈز تۇرانە ئاشكارە قارشىلاشتى، ھەرىكەت كۆلىمى ئەسەبى تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ھەرىكىتىدەك ئۇنچە كەڭ بولمىسمۇ ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ تۇتۇشۇش ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر خىل ئاگاھلاندۇرۇش بولدى، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىن باشقا يەنە پايتەختى ۋە ئەسلىدىكى شەرقى شىمالىي قىسىمىمۇ تېررورچىلارنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا زەھەر تېرىش ۋە زەھەر سودىسى ئافغانىستاندىكى بۇ چوڭ قىيىن مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا 2013-يىلى ئافغانىستاندا زەھەر تېرىلغۇ كۆلىمى يەنە ئىشپ، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ھىلماند ئۆلكىسى ئافغانىستاندىكى ئەپيۈن تېرىلغۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە، ئۆتكەن 13 يىلدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە زەھەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە سالغان مەبلىغى ئەڭ كۆپ بولدى، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت شەخسەن ئۆزى بۇ جايلارنى چىڭ ساقلىغان بولسىمۇ ئەمما ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولماي، ئەكسىنچە بارغانسرى يامانلاشتى.

  گەرچە ئۇرۇش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئەمما ئەنگىلىيە يەنە داۋاملىق بىر قىسىم ھەربى خادىملىرىنى قالدۇرۇپ، ئافغانىستان ھەربى ساقچىلىرىنىڭ مەشق قىلىشى ۋە ئۇرۇش ۋەزىپىسى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئۇسۇلمۇ ئامېرىكىنىڭ 2014-يىلدىن كېيىنكى ئافغانىستانغا قاراتقان ئىستراتېگيەسى يەنى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەمدى قان ئاققۇزماسلىق، ئەمما ھەربى خادىملارنى تۇرغۇزۇش ئاقرىلىق ئافغانىستانغا بولغان ئىستراتېگيەلىك تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن ماس كېلىدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئويىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خېلىلا ئىلگىرىلا سېزىپ يەتكەن بولغاچقا ، سابىق زۇڭتۇڭ كارزاي يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭ غەنى گەرچە بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولىسمۇ ئەمما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندىستان بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى، ئۇ تېخى تۇنجى قېتىم جۇڭگودا رەسمى زىيارەتتە بولماقچى، بۇنى كىشىلەر ئافغانىستاننىڭ يېڭى رەھبىرى رايونلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىششكە بەكرەك تىرىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە بولغان تايىنىشچانلىقنى ئازايتماقچى ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندى.

  كارزاي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئامېرىكىغا مىننەتدار بولماقتا يوق ئەكسىنچە ئامېرىكىنى ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىغا پۇتلىكاشاڭ بولدى دەپ ئەيىپلىدى، بۇ قېتىممۇ ئەنگىلىيە قوشۇن چېكىندۈرگەندە ئەنگىليە ئەمەلدارلىرى ھە دەپ: قۇربان بەردۇق، خالىسانە تۆھپە قوشتۇق دەپ داۋراڭ سالغىنى بىلەن ئافغانىستان تەرەپ بۇنىڭغا ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

  ئاخىرى بۇنىڭغا ھىلماند ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئەلۋەتتە ئەنگىلىيەنىڭ ئۆتكەن 13 يىلدىكى تۆھپىسىدىن مىننەتدار ئەمما ھازىر ھىلماند ئۆلكىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ياخشى ئەمەس، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى يول ناھايىتى ئەگرى توقاي، بىز ئافغانىستان دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز.

  ئافغانىستان قانداق مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ؟ بۇنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا: سىرتتىن كەلگەنلەر كېتىدۇ، ئەمما قىلىدىغان ئىش تېخى تۈگىمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر