خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېسىلزادە ۋە تەكەببۇر مودېللار سەھنىدە نامايان بولغاندا كىشى تولىمۇ ھاياجانلىنىدۇ. بىراق، ئۇلار ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەندە، تامامەن باشقىچە بىر قىياپەت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. سۈرەتتە 2010-يىلى مىلان مودا كىيىم ـ كېچەك ھەپتىلىكىدە، بىر مودېل يىقىلغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، يېنىدىكى ئەر كىشى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇندى.