باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زور تۆھپە قوشقان شىكايەت قىلغۇچىلار500 مىڭ يۈەن بىلەن تارتۇقلىنىدۇ

2014.10.29 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن« خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىكايەت خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ شىكايەت يېڭى بەلگىلىمىسىدە شىكايەت ئۇسۇلى تەپسىلى يېزىلغاندىن باشقا يەنە شىكايەت قىلغۇچىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقى، مۇكاپاتلاش تەدبىرى ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنداق دېيىلدى: تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇققا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق جىنايىتى، دۆلەت ئورگىنى خىزمەچى خادىملىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، قىيىن قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلىش جىنايىتى قاتارلىقلار ھەققىدىكى شىكايەتلەرنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ.

  پارىخور ئەمەلدارلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغاندا دەرىجىسى بويىچە شىكايەت قىلىنىدۇ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار ھەققىدىكى دېلو يىپ ئۇچى ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى شىكايەت مەركىزىگە ئەنگە ئېلىنىدۇ.

  شىكايەت خەت يېزىش، زىيارەت قىلىش، فاكىس ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلسىمۇ ياكى تەپتىش ئورگانلىرىدا بىرلىككە كەلگەن 12309 كەسپى جىنايەت شىكايەت تېلوفونى ئارقىلىق ۋە ياكى 12309 شىكايەت تورى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تورىدا ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

  تەپتىش مەھكىمىسى ئاممىنى ھەقىقى ئىسمى بىلەن شىكايەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئالدى بىلەن بېجىرىپ، بىرمۇ بىر جاۋاب بېرىشنى تەكىتلەيدۇ.

  يېڭى بەلگىلىمىدە مۇكاپات سوممىسى كۆپەيتىلدى، ئالدى بىلەن ھەر بىر دېلوغا بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، شىكايەتتە زور تۆھپە قوشقانلار 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر