باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2014.10.27 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر قايسى ئىمتىھان سىناق نۇقتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشخانىلىرى ئۆلچەمگە يەتتى. 25-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانى ئۆز قەرەلىدە ئېلىندى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 45 مىڭ 251 ئادەم 2014-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپىغا بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭدا 16 ئىمتىھان رايونى، 64 ئىمتىھان نۇقتىسى، 2064 ئىمتھان مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  بۇ يىل شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم پۈتكۈل شىنجاڭ دائىرىسىدە كىملىك ئوقۇغۇچ ئارقىلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سۈرەتلىرى يىغىۋېلىنغان ۋە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 16 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنى تەكشۈرگەن، نۆۋەتتە، ھەر قايسى ئىمتىھان قەغىزى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئىشخانىلىرى ئۆلچەمگە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر