باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11-ئايدىن باشلاپ تارىخىي ئىمارەت، باغچىلاردا خۇسۇسىي ئارامخانا تەسىس قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ

2014.10.28 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مىكرو بلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 27-چىسلا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 10 مىنىستىرلىقنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تارىخىي ئىمارەت، باغچا قاتارلىق جامائەت بايلىقلىرىدا سېلىش، ئىجارىگە ئېلىش، ھۆددىگە ئېلىش، ھەقلىق بېرىش، ئۆتنىگە ئېلىش، رەنىگە قويۇش، سېتىۋېلىش، شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خۇسۇسىي ئارامخانا تەسىس قىلىشنى قاتتىق چەكلەش بەلگىلەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا تارىخىي ئىمارەت، باغچا قاتارلىق جامائەت بايلىقىدا تەسىس قىلىنغان خۇسۇسىي ئارامخانىلار قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپكە سېلىنىدىكەن، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ، تاقاش، تىجارەت توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر