باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلۈم جازاسى تەتبىقلىنىدىغان 9 جىنايەت نامى بىكار قىلىندى، تېررورلۇققا ئائىت كىتاب ساقلىغانلارغا جازا بېرىلىدۇ

2014.10.28 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1997-يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيانقى 17 يىل مابەينىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇنىڭغا 9 قېتىم چوڭراق تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۈگۈن باشلانغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-سانلىق يىغىنىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە (9) لايىھەسى بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، بۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا 10-قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۆلۈم جازاسى تەتبىقلىنىدىغان 9 جىنايەت نامى بىكار قىلىنىدۇ، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش شەرتى ئۆستۈرۈلىدۇ

  ئېلىمىزدە ھازىر ئۆلۈم جازاسى تەتبىقلىنىدىغان 55 جىنايەت نامى بار، بۇ قېتىملىق تۈزىتىلمە (9) لايىھەسىدە ئۆلۈم جازاسى تەتبىقلىنىدىغان 9 جىنايەت نامى بىكار قىلىنىدۇ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، يادرو ماتېرىياللارنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، يالغان پۇل ئەتكەس قىلىش جىنايىتى، يالغان پۇل ياساس جىنايىتى، مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى جىنايىتى، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللەش جىنايىتى، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتى، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ ئاممىنى ئازدۇرۇش جىنايىتى قاتارلىقلار. تۈزىتىلمە (8)دىمۇ ئىقتىسادقا چېتىشلىق غەيرى زوراۋانلىق تۈرىدىكى 13 جىنايەتكە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغانىدى.

  بۇندىن كېيىن، كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېىلگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ. تۈزىتىلمە (9) لايىھەسىدە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن پەقەت قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغىلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  ليۇ رۇڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر