باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-ئايدا سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 8157 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى

2014.10.28 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-چېسلا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 6055 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 8157 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 2612 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلگەن.

  9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەز سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلە 62 مىڭ 404كە يەتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرگە چېتىشلىق 82 مىڭ 533 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 23 مىڭ 259 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلگەن.

  جياڭ جېي خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر