باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014-يىللىق ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسىدە 39 تۈردە توختام ئىمزالاندى

2014.10.28 16:00   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

2014-يىللىق ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمىسىدە 39 تۈردە توختام ئىمزالاندى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 2014-يىللىق ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى ۋە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە تائام مەدەنىيىتى بايرىمىنىڭ توختام ئىمزالاش مۇراسىمى 26-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلدى ، مۇراسىمدا جەمئىي 39 تۈر بويىچە بىر مىليارد 225 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالاندى .

  بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچى توختام تۈرىدىن بەشى بار بولۇپ ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 395 مىليون يۈەنگە يەتكەن ، بۇ ئاساسلىقى شياڭگاڭ ، بېيجىڭ ، گۇاڭدۇڭ ، فۇجيەن ، خېنەن قاتارلىق جايلارغا چېتىلىدۇ ؛ چەت ئەللەر بىلەن ئىمزالانغان توختام تۈرى تۆت بولۇپ ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 84 مىليون يۈەن بولغان ، بۇ ئاساسلىقى فىرانسىيە ، تۈركىيە ، قازاقىستان قاتارلىق چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىگە چېتىلىدۇ ؛ شىنجاڭ ئىچىدىكى توختام تۈرى 30 بولۇپ ، توختام ئومۇمىي سوممىسى 746 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز