باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ 1000 مۇدىرى دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىپ ئىمزا قويدى

2014.10.28 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمىز

  جۇ مىڭجۈن خەۋەر قىلىدۇ: پۈتۈن جەمئىيەتتە دىننىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك جامائەت پىكرى مۇھىتىنى يارىتىپ، ئوقۇتۇش ھەم ئادەم تەربىيەلەش بازىسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، قەشقەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر 27 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ‹‹دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش 1000 مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قەسەم بېرىش، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى››نى ئۆتكۈزدى، قەشقەر شەھىرى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەردىن كەلگەن مۇدىرلار ‹‹دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسايلى›› دەپ خەت يېزىلغان پىلاكاتقا ئىمزا قويدى.

  قەشقەر ۋىلايىتىدە 2000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 840 مىڭغا يېتىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، سوتسىيالىستىك تەربىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئىشنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، بىر قاتار ئاكتىپ، ساغلام مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرىنى تاۋلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە ياخشى ئاساس سالدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنى باشقۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى جەزمەن ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، 1000 مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا ئىمزا قويۇپ قەسەم بېرىشتىكى مەقسىتى بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىرىگە دادىل جەڭ ئېلان قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل ۋەدە بېرىشتىن ئىبارەت.

  قەشقەر شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەركىن مۇنداق دېدى: مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جەزمەن كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچ ئېڭىمنى تۇرغۇزۇپ، قەسەم ۋە ۋەدەمنى تولۇق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمەن. ھەممىنى كىچىك ئىشلاردىن، ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئەسەبىي كۈچلەرگە دادىل ھەقىقىي تېگىش قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل ئۈستۈمگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇپ، مەكتەپنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنىڭ پاكىز ۋە ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ئابلەت قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئىمزا قويۇش ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ ئىمزا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قېتىملىق ئاددىي قەسەم بېرىش ۋە ئىمزا قويۇش بولماستىن، بەلكى بارلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچتىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى مائارىپتا، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ۋە ‹‹تۆتنى تونۇش›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي خىزمەتتە مۇدىرلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەكتەپتە ‹‹بەش قاراش››، ‹‹تۆتنى تونۇش›› تەربىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخى›› تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەكتىپىمىزنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيە، يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى 24 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆز ناھىيە، يېزىسىدا دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىپ ئىمزا قويۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر