باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتكە قاچقان پارىخور ئەمەلدارلار بېرىۋالىدىغان ئۈچ چوڭ جاي ئاشكارىلاندى

2014.10.28 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو بۇ يىل يەر شارى مىقياسىدا چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى ۋە ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلارنى تۇتۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. تاراتقۇلارنىڭ ئانالىزىچە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر «يېنىنى توملىۋېلىپلا قاچىدىغان، قېچىپلا قۇتۇلىدىغان» پارىخور ئەمەلدارلارغا «چەت ئەل ئەمدى پاناھ جاي بولالمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن.

  ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە چېگرا سىرتىغا قاچقانلار ئالدىن تاللايدىغان پاناھ جايغا، كانادا «پارىخورلار بېغى»غا ئايلاندىگەرچە چەت ئەلگە قاچقان پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ سانى توغرىسىدا نوپۇزلۇق مەلۇمات بولمىسىمۇ، چەتكە قاچقان پارىخورلارنىڭ بارار نىشانى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى بىردەك ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيەلەر ئالدىن تاللايدىغان پاناھ جاي بولۇپ قالدى دەپ قارايدۇ، بۇ رايونلاردا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «پارىخورلار كوچىسى» ۋە «چېرىكلەشلەنلەر پەرزەنتلىرى كەنتى» شەكىللەنگەن. ئانالىزلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەت ئەنئەنىۋى كۆچمەنلەر دۆلىتى، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە مائارىپ سەۋىيەسى قاتارلىقلار كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىز بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى جەھەتتە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر