باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم 91 ئورۇن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى

2014.10.28 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم 91 ئورۇن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى يېقىندا « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسى » نى ئېلان قىلدى . بۇ نامغا ئېرىشكەن 91 ئورۇن شىنجاڭدىكى تۇنجى قېتىملىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسى بولۇپ قالدى .

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات مەركىزىدىكى خىزمەتچىنىڭ 26-ئۆكتەبىر مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، پۈتۈن شىنجاڭدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلغان شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسنى ئىلتىماس قىلىش ئاساسىدا ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ ، قۇتۇبى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق 91 ئورۇنغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسى دەپ نام بېرىلگەن .

  بۇنىڭ ئىچىدە ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بازىسى » دەپ نام بېرىلگەن 20 ئورۇن ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتىرىدىكى قوغداش بازىسى » دەپ نام بېرىلگەن 28 ئورۇن ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە تارقىتىش بازىسى » دەپ نام بېرىلگەن 8 ئورۇن ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىكى مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيەتلىرىنى قوغداش بازىسى» دەپ نام بېرىلگەن 8 ئورۇن ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش بازىس ى» دەپ نام بېرىلگەن 15 ئورۇن ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش بازىسى » دەپ نام بېرىلگەن 5 ئورۇن ، « شىنجاڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئالاھىدە مەنزىرىلىك رايون ۋە سەيلىگاھ » دەپ نام بېرىلگەن 7 ئورۇن قاتارلىقلار بار .

  بۇ 91 ئورۇن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تۇنجى قېتىم قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت ۋارىسلىق قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتپ ، تېخىمۇ كۆپلىگەن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار مەبلىغىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا ئېلىپ كىرىش .

  تونۇشتۇرۇلىشىچە ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش بازىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نۇقتىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ، نامايان قىلىنىدىغان تۈر بولۇش ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇقىم كىشىلەر توپى بولۇش ، بىر قەدەر ئەتراپلىق ، مۇكەممەل ، نۇقتىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈر ماتېرىيالى بولۇش ، ماددىي بۇيۇم ۋە مەتبۇئات نەتىجىسى بولۇش ، بىر قەدەر مۇقىم بولغان ۋارىسلىق قىلىش سورۇنى بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل چىڭ كۆرسەتكۈچلەر ھازىرلىنىشى كېرەك ئىكەن . مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ، ياخشى قىلالمىغان ئورۇنلار چىكىنىپ چىقىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر