باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز 2015–يىلى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ

2014.10.28 15:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16 – ئۆكتەبىر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلىتىمىز 2015 – يىلى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن، 2015 – يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي(ئۈچ دەرىجە)نىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ھەر 50 كىلوگىرامى 118 يۈەن بولۇپ، بۇ يىلقى سەۋىيەدىن ئۆزگەرمەيدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ‹‹ئاشلىقنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، دېھقانلار زىيان تارتىش››نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 2015 – يىلى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى، بازار ئېھتىياجى، سېلىشتۇرما ئۈنۈم، خەلقئارا بازار باھاسى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇپ، گوۋۇيۈەن 2015 – يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي(ئۈچ دەرىجە)نىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بۇ يىلدىكى سەۋىيەدىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەستىقلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىز بۇ يىل ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتكەنلىكتىن، ئاشلىق باھاسىنى بازار بېكىتكەن. 2004 – يىلى، 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا شال، بۇغدايدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىلىق ئاشلىق تۈرىدە ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 2008 – يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى يۇقىرىلاش ئەھۋالىغا قارىتا ئۇدا ئالتە يىل ئاشلىق ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش باھاسىنى يۇقىرىلاتقان. ‹‹جۇڭگو دېھقانلار گېزىتى››دىن گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر