باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو-كېنو تېلۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ 2014-يىللىق ئاساسىي قاتلامدا مەدەنىيەت بويىچە تەربىيەلەش نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى چەرچەندە ئېلىپ بېرىلدى

2014.10.28 16:42   مەنبە: خەلق تورى

بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو-كېنو تېلۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ 2014-يىللىق ئاساسىي قاتلامدا مەدەنىيەت بويىچە تەربىيەلەش نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى چەرچەندە ئېلىپ بېرىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پولات نىياز، ھاۋاگۈل توختىلار خەۋىرى، فوتوسى: بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو-كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مەخسۇس كەسپىي خادىم ئەۋەتىپ، 10-ئاينىڭ 27-، 28-كۈنلىرى چەرچەندە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى، تەربىيەلەشكە مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى خادىملار، يېزا-بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى خادىملىرى، كەنت مەدەنىيەت ئۆيى مەسئۇللىرى، دېھقانلار كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ 150 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. كۇرس ئاساسلىقى «ھەقسىز ئېچىۋېتىش خىزمىتىنىڭ ئارخىبلىرىنى رەتلەش ۋە يۇقىرىغا يوللاش، يېزا-بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتلىرى كۇتۇپخانىلىرىنى باشقۇرۇش، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسىنى مۇستەھكەملەش، ئوبلاستنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەھۋالى، يالغۇز كىشىلىك، قوش كىشىلىك ۋە كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئىشلەش، قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە قاراتمىلىق، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت كادىرلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا كۆپچىللىككە بىر قېتىملىق ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، مەدەنىيەت قوشۇنىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىلھام بىرىشتە تۈرتكىلىك رول ئويناپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز