باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر كىلەر يىللىق چوڭ سايلامدا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشنى ئۈمىد قىلدى

2014.10.27 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇدان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سۇداندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسى 25-ئۆكتەبىر ھازىرقى زۇڭتۇڭ بەشىرنىڭ مەزكۇر پارتىيەنىڭ نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2015-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامغا قاتنىشىشنى تەستىقلىدى. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسى 25-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا يۇقىرىقى قارارنى چىقاردى. يىغىنغا قاتناشقان ئالتە مىڭ ۋەكىل ئىچىدىن 4 مىڭ 606 ۋەكىل ئاۋاز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىڭ 425 ۋەكىل قوللاپ ئاۋاز بەردى، يىغىندا شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەشىرنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۆتىشى قارار قىلىندى. بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن بەشىر 1993- يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سۇداننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر