باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە ئىستىلىنى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.10.28 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 27 – ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يىغىننىڭ روھى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە كادىرلار پارتىيە نىزامنامىسىدا يۈكلەنگەن بۇرچىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر