باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىشنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تەكرار خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2014.10.28 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىقتىسادىي تەپتىشلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»دە ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى، جامائەت مەبلىغى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت بايلىقى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىشنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەش-ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنى تۈزەشنىڭ بىرىنچى جاۋابكارى قىلىش لازىم، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تۈزەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا كىرگۈزۈشى، جايلار ۋە تارماقلار ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسى ۋە تۈزەش ئەھۋالىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى كېرەك، تۈزەشتە قاتتىق بولمىغان، تەكرار خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر