باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە 3-قېتىم قاراپ چىقىلدى

2014.10.29 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27-ئۆكتەبىر مەمۇرىي دەۋا قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ 3-ئارگىنالىنى قاراپ چىقتى. «پۇقرا ئەمەلدار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، «پۇقرا ئەمەلدار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش»نىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ، مەمۇرىي توختام ماجىراسىدا بۇندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي ئەرز قىلسا بولىدىغان، سوت مەھكىمىسى بۇنى قاراپ چىقىشى كېرەك بولىدىغان بولدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئاساسلىقى پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدە ئۇچرىغان مەمۇرىي دەخلى-تەرۇز بولۇپ، مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 20 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ھازىر پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغداش جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن چەكلىنىپلا قالماستىن، ھوقۇق دائىرىسى ئايرىم قانۇنلار ئىچىدە ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى. مەسىلەن: نۆۋەتتە ھۆكۈمەت پۇقرالارنى تەمىنلەيدىغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى، بۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مائارىپ، داۋالاش، ئۆي، قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇندىن باشقا، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى، تەربىيەلىنىش ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى قاتارلىق يېڭىچە ھوقۇقلىرىغىمۇ ئالاقىدار بولدى. بۇندىن باشقا، كەسپىي جەمئىيەت، كەنت كومىتېتى، ئاھالىلەر كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ ئاممىۋى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى بارغانسېرى كۆپ ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى، ئەمەلىيەت داۋامىدا بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ماجىرالارنى ھەق تەلەپ دەۋاسى بويىچە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ تۈرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر بۇندىن كېيىن بىر بىمەنە مەمۇرىي قىلمىش، بىر بىمەنە قىزىل ھۆججەت ئۈستىدىن ئەرز قىلسا بولىدۇ دەپ تەكلىپ بېرىپ، بۇ-كېيىنكى قەدەمدە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك نۇقتا دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر