- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن ئومۇمىي مەلۇمات بەردى
2014.11.02 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 31-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن ئومۇمىي مەلۇمات بەردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن 35633 ئادەمگە چېتىشلىق 27235 خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتىگە دېلو تۇرغۇزۇلغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %9.9 ۋە %5.6 ئاشقان؛ 12109 ئادەمگە چېتىشلىق 8386 خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتىگە دېلو تۇرغۇزۇلغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ۋە %5 ئاشقان.
1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، پەن-مائارىپ تەتقىقاتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدىكى 21206 ئادەمگە چېتىشلىق 15830 خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق جىنايىتىگە دېلو تۇرغۇزۇلغان، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي پۇل 4 مىليارد 270 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 6500 ئادەمگە چېتىشلىق 5684 پارا بېرىش جىنايىتى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.7 ۋە %35.1 ئاشقان.
پېڭ بو خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر