باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە 3D لىق نۇسخىلاش مەخسۇس تېمىسىدىكى لېكىسىيەنى ئاڭلاپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى

يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرەيلى

2015.08.24 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە 3D لىق نۇسخىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى لېكسىيەگە قاتناشتى.

  لېكسىيە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، لى كېچياڭ قاتارلىق گوۋۇيۈەننىڭ رەھبىرى يولداشلىرى 3D لىق نۇسخىلاش تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىسىنى كۆردى. لېكسىيەدە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسورى لۇ بىڭخېڭ دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، دۇنيا 3D لىق نۇسخىلاش ئاساسىي تېخنىكىسى ۋە پەن- تېخنىكا جەھەتتە ئېلىپ كېلىدىغان زور بۆسۈشنى تونۇشتۇردى ھەم ئالاقىدار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ پات- پات سوئال قويۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىرلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابىي ۋە سانائەت ئىسلاھاتى دۇنيا مىقياسىدا پارتلاش ئالدىدا تۇرىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بەس بەستە كەلگۈسىدىكى سانائەتتە پايدىلىق ئورۇننى ئىگىلەۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر «يەنە سانائەتلىشىش»نى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت تىپىنى ئۆزگەرتىشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېھىياجنى كۈچەپ زورايتىش بىلەن بىللە، كەسپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇۋېتىش كېرەك. ياسىمىچىلىقنى خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسپ قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش تىپىغا ئۆزگىرىشنى مۇھىم ھالقا قىلىشقا يۈزلىنىپ، پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشغا تايىنىپ، تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر