باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2015.08.27 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 12 - ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا كەلدى. تەكشۈرۈش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 26 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم ۋە ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2014 - يىلىنى 2009 - يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدە تۆتتە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولدى: ھادىسە يۈز بېرىش نىسبىتى %30.85 تۆۋەنلىدى؛ ھادىسىدە قازا قىلغانلار %16.77 ئازايدى؛ چوڭراق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %14.55 تۆۋەنلىدى، ھادىسىدە قازا قىلغانلار %7.04 ئازايدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق مەزگىل، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا زەربە بېرىش، بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەرگە خىلاپ مەشغۇلاتلارنى تۈزەش ۋە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە پارتلايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ماي ۋە گاز تۇرۇبىلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش بويىچە ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە پارتلايدىغان چاڭ - توزانغا چېتىشلىق كارخانىلارنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەينى - كەينىدىن باشلىدى.

  كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھادىسىلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، چوڭ ۋە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا زەربە بېرىش، بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەرگە خىلاپ مەشغۇلاتلارنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ھادىسىلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تولۇق تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى تيەن جيەنرۇڭ ئاپتونوم رايونىمىز ۋە بىڭتۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋلىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان تەكشۈرۈش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە قىسمەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە تەكشۈرۈش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتتا بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر