باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزى» ناملىق كىتابنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش مىقدارى 5 مىليون 200 دىن ئاشتى

2015.08.27 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ مىڭۋېي 26-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن 22-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە مۇنداق تونۇشتۇردى: «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزى» ناملىق كىتابنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش مىقدارى 5 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى، بۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى يازغان ئەسەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى تارقىلىش مىقدارىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدۇ. «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزى» ناملىق كىتابنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يازما ماتېرىياللار تەتقىقاتخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى بىرلىكتە تەھرىرلىدى، چەت ئەل تىلى نەشرىياتى خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، رۇس تلى، ئەرەب تىلى، ئىسپان تىلى، پورتۇگال تىلى، گېرمان تىلى، ياپون تىلى قاتارلىق كۆپ تىلدا 2014-يى 9-ئايدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى. بۇ كىتابنىڭ بەشىر قىلىنىشى ھەر قايسى دۆلەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا چۈشىنىشىگە ياردەمبېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يولى، ئىچكى سىياسىتى ۋە قىممەت يۈزلىنىشىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان، نەچچە ئون دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر