- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش باشلاندى
2015.09.10 17:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار دىققەت قىلايلى، بۈگۈندىن باشلاپ 18-چېسلاغىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمتىھانغا تېزىملاتقان تورىغا چىقىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىۋالغىلى بولىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى چوقۇم چۈزۈك، يۈز قىسمىنى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولىشى كېرەك. ئىمتىھان 19-سېنتەبىر، 20-سېنتەبىر ئىككى كۈن ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچى چوقۇم ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە توردا تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئىشلەتكەن كۈچكە ئىگە كىملىكىنى ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېرەك. (ھەبىبە تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر