باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى بەش مېترو لىنىيەسىدە بۇ يىل ئىش باشلىنىدىكەن

2015.09.10 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-چېسلا بېيجىڭ پىلانلاش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: بېيجىڭنىڭ 3-، 12-، 17-مىترو لىنىيەلىرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، فاڭشەن لىنىيەسى شىمالغا، ئايرودروم لىنىيەسى غەربكە ئۇزارتىلىدىكەن. بۇ بەش يېڭى لىنىيەنىڭ لايىھە خىزمىتى ئاللىقاچان قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ئىش باشلىنىدىكەن. 10-سېنتەبىردىن باشلاپ، بەش تال مېترو يېڭى لىنىيەسىنىڭ 25 مۇھىم بولغان مىترو ئالمىشىش لىنىيەلىرىنىڭ لايىھەسى، شەھەرلىك پىلانلاش كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك پىلانلاش كۆرگەزمە سارىيىدا 20 كۈن كۆرگەزمە قىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رېلىسلىق ترانسىپورت لىنىيەسى نۆۋەتتە 18 تال بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 527 كىلومېتىر كېلىدىكەن، 320دىن ئارتۇق بېكەت بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، لىنىيە ئالمىشىدىغان بىكەت 47 ئىكەن. كۈندىلىك يولۇچىلار ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 10 مىليۇن ئادەم قېتىم ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر