خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى «خاتىرجەم يېشىل نان»نان دۇكىنىنىڭ ئالدىدا گازىر مېغىزىدىن«60 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»دىگەن خەت تىزىلغان بىر پەي قىلىپ ئېسىلغان ئىجادىي ناننى كۆردى، دۇكاندار مەمەتئىمىن تۇردى بۇ نانلارنى« كۆڭۈلدىكى نان»دەپ ئاتىدى.مەمەتئىمىن تۇردى بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەك خوشال بولغان، ئۇ ھەركۈنى نان ياققاندا رادىئو ئاڭلايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئۆزگىرىشنىڭ ناھايتى چوڭلىقىنى، پۇقرالارنىڭ كۈنىنىڭ بارغانسىرى خاتىرجەم بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا«شىنجاڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان ئىجادىي نان» نى ئويلاپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئۇستىكارلار كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلىگەن«60 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز»دىگەن ئىجادىي نان نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، مەمەتئىمىن تۇردىنىڭ شاگىرتى ئابلەت مۇنداق دېدى:بۇ ناننى يىقىشنى ئويلاشقاندا تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغانلىقىنى ئويلىدۇق. كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۇشىنى ئۇمىد قىلىمىز، شىنجاڭنى سۆيىمىز، دۆلەتنى سۆيىمىز. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى