باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى «تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە <تۆت خاھىش>نى تۈزەش نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى» تەسىس قىلدى

2015.09.07 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇھىم ۋاقىتلارغا داۋاملىق قاتتىق دىققەت قىلىش، «تۆت خاھىش»نى توختاۋسىز تۈزىتىش، قايتا ئەۋج ئېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش، ئىنتىزام ئىجراسى بارغانسىرى كۈچىيىدىغان كۈچلۈك ئۇچۇرنى تارقىتىش، جامائەت نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پاش قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، بايرام كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەرمۇرىي تەپتىش مىنىسترىلىقى تور بېكىتى 6-سېنتەبىر «تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە <تۆت خاھىش>نى تۈزەش نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى» تەسىس قىلدى.

  مەخسۇس رايوندا «پاش قىلىمەن» كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جامائەتنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش، يەپ-ئىچىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق قائىدە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى پاش قىلىشى قارشى ئېلىنىدۇ.

  «ھەپتىلىك ئۇقتۇرۇش» ئىستونى 16-سېنتەبىردىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارىلايدۇ. مەخسۇس رايوندا يەنە «مىسال كەلتۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇش» ۋە «تور ئەھلى سۆز قالدۇرۇش» ئىستونى تەسىس قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر