- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئايپەرى-5»تەكشۈرگۈچ ئالىملارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئاي شارىغا چىقىپ 2 كىلوگىرام ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىدۇ
2015.09.09 17:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن ئېچىلغان 2- نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئاي شارى ۋە ئالەمنى تەكشۈرۈش خەلقئارا مۇنبىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، «ئايپەرى- 5» تەكشۈرگۈچ ئالىملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن، ئاي شارىغا چىقىپ 2 كىلوگىرام ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىدىكەن.
ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يەر يۈزى ئەمەلىي قوللىنىشچان سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چۈنلەي مۇنداق دېدى: «ئايپەرى-5 » تەكشۈرگۈچى 2017- يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ئادەمسىز ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى تاماملايدۇ.«ئېلىپ كېلىنگەن 2 كىلوگىرام ئەۋرىشكە دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ پەن- تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.»
لى چۈنلەي: «ھازىر ئالاقىدار ئەۋرىشكىلەرنىڭ تۈرلۈك شارائىت قۇرۇلۇشى جۈملىدىن ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ئەۋرىشكە تەييارلاش ۋە ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ»،دېدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر